باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى ئۇچۇق سوت ئېچىلدى

2017.08.10 16:55   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى ئۇچۇق سوت ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاۋغۇست، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسدە ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى ئۇچۇق سوت ئېچىلدى.

  شىجياجۇاڭ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 1994- يىلدىن 2016- يىلغىچە جاۋابكار خۇاڭ شىڭگو ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ جېجياڭ ئۆلكىسى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋە شەھەر باشلىقى، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلىرىدىن ياكى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ۋە مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قۇلايلىق شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۈر يېرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش-تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەمچى بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا ياكى ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن پۇل–مال قوبۇل قىلغان. ئۇ قوبۇل قىلغان پۇل-مالنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئومومىي سوممىسى 40 مىليون 30 مىڭ يۈەن بولغان، شۇنىڭ بىلەن، پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل–ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى. جاۋابكار خۇاڭ شىڭگو ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىسپاتلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا خۇاڭ شىڭگو جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلغانلىقىنى دېدى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خەۋەر مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 60 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  سوتقا قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوتلاشنى توختىتىپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى