باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشى ئالتە يىلدا ئىككى ھەسسە ئاشتى

ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلار 17 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ %60نى ئىگىلىدى

2017.08.11 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاۋغۇست دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان داۋالاش ئاپپاراتى 444 مىڭغا يېتىپ، داۋالاش ئاپپاراتى ئومۇمىي سانىنىڭ %45نى ئىگىلىگەن؛ ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلار 16 مىڭ 900گە يېتىپ، دوختۇرخانا ئومۇمىي سانىنىڭ %57.2نى ئىگىلىگەن. 2011-يىلدىن ھازىرغىچە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشچە، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ داۋالاش ساھەسىگە كىرىشىگە تىرىشىپ پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلغان. كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىپ، دۆلەت دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم تۈرىدىن 28نى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، 140 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغى ئاجراتقان، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە شەھەر دەرىجىلىك قاتلىمىدىكى نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم تۈرىگىمۇ مۇناسىپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللىغان. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى بويىچە نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىش جەھەتتە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلارنى شۇ دائىرىگە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «داۋالاش ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دە، «خىزمەتتىكى، كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن چېكىنگەن ياكى مائاشنى توختىتىپ ئىشتاتنى ساقلاپ قالغان تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ»، دېگەن چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، داۋالاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقان؛ تېببىي تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، پاتولوگىيىلىك دىئاگنوز قويۇش مەركىزى، تېببىي تەسىۋىر ئارقىلىق دىئاگىنوز قۇيۇش مەركىزى، قان دىئالىزى مەركىزى، تېنچ داۋالاش-كۈتۈش مەركىزىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مۇستەقىل داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلغان ۋە ئۆلچەم بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانا ئېچىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دوختۇرخانا ئېچىش قاتلىمىنى بېيىتىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى زەنجىرسىمان ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك دوختۇرخانا ئېچىش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرگەن. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە 66 مىڭ دوختۇر بىر قانچە ئاپپاراتتا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان دوختۇرخانىلار %69.6نى ئىگىلەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر