باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى

جۇڭگو كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسىنى نامايەن قىلدى

2017.08.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ يىل 2017- يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى 3-قېتىم تەڭشىدى: بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 3-، 4-پەسىلدىكى ئېشىش كۆزلىمىسىنى 0.1 پىرسەنت پوئېنت كۆتۈردى؛ چارتېرېد بانكىسى جۇڭگونىڭ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش كۆزلىمىسىنى %6.6 تىن %6.8 كە كۆتۈردى ھەم جۇڭگو ئىقتىسادى 2010- يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى؛ مورگان گۇرۇھى مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ <مۇقىملىغۇچى> سى بولۇشىدىن ئۈمىد بار»...... بۇ يىل يازدا، جۇڭگونىڭ جۇڭگو ئىقتىساد يىلىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 لىك سەۋىيەنى ساقلاپ، دونيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، كۆزلىمىسىدىن ھالقىغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولدى. بۇ ئەلا نەتىجە جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسىدىن كەلگەن.

  ئىسلاھات ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىش تېزلىتىلدى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، خەۋپ-خەتەر تۈگىتىلدى، ئىشەنچ ئاشۇرۇلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە كۈنىگە يېڭىدىن تىزىملاتقان كارخانا 16 مىڭغا يىتىپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرىكىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 2-پەسىلدە، دۆلىتىمىزدىكى كىچىك، مىكرو سانائەت كارخانىلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى %96.5 بولۇپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىىر قىممەتكە يەتتى. مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت قۇشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %6.9 بولۇپ، 2015-يىلىدىن بۇيانقى سانائەت ئايلىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكى، تەرەققىيات سالمىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسى ئاخىرلاشمىدى، بەلكى 2- باسقۇچقا قەدەم قويدى». ئامېرىكا «فوربېس» ژورنىلىنىڭ يەكۈنى دۇنيانىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي پاراۋۇزى مۇقىم ئىلگىرىلىمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر