- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ تارماق بىرلىشىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش توغرىسىدىكى «پىكىر» نى ئېلان قىلدى
2017.08.11 15:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسى يېقىندا «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار ئەمەلىي، ئىنچىكە تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامراتلارنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«پىكىر» دە مۇنداق ئىپادىلەندى: ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىشتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە تىزىمغا ئېلىنمىغان نامراتلار، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكىتلىرى، ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر ئامما، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ قىسمەن ياكى بارلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. قىيىنچىلىقى بارلاردىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قىسمىغا قارىتا مالىيەدىن ياردەم بېرىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توختاملىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلەتكەندە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى توختاملىق دېھقان ئىشلەمچىلەر تاپشۇرمايدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توختاملىق ئىشچىلار تۇغۇت سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرىدۇ، بۇ ھەقنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاپشۇرمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر