باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 500 مىڭ يۈەننى جىددىي ئاجرىتىپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى قوللىدى

2017.08.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونغا بولغان غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋەكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 500 مىڭ يۈەننى جىڭ ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىشكە ئاجراتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە كۈچەپ ياردەم قىلىش، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ تايانچى ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچىسى بولۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر