باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2017.08.14 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىسىترلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشنى مەملىكەت بويىچە تەرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.

  ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 1 مىليون 18 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 825 مىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل، 193 مىڭ توك چاتقۇسىمان ئارىلاش ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلى بار. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن باشلاپ، ج خ مىنىستىرلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسى نۇسخىسىنى لايىھەلەش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرگە ئايرىپ تىزىملاش، تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. يېڭى نومۇر تاختىسى نۇسخىسىدا يېشىل رەڭ ئاساس قىلىنىغان بولۇپ، مەخسۇس بەلگە كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسىنىڭ تەگلىك رەڭگى تەدرىجى ئۆزگىرىدىغان يېشىل رەڭدە، چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسىنىڭ تەگلىك رەڭگى سېرىق ۋە يېشىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل رەڭدە لايىھەلەندى. ئادەتتىكى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسىس نومۇر تاختىسىغا يەنە بىر نومۇر قوشۇلغان بولۇپ، بەش خانىلىقتىن ئالتە خانىلىققا كۆپەيتىلدى.

  ئاممىنىڭ نومۇر ئىلتىماس قىلىشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس نومۇر تاختىسىنى ئالماشتۇرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ ج خ ئورگانلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلىشىنى، مەسىلەن: يېڭى تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا يېڭى نومۇر تاختىسى تارقىتىپ، ئىشلىتىلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يېڭى نومۇر تاختىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە يېشىل يول ئېچىپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر