باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا رايون سىرتىدىن 210 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ كىرگۈزدى

ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش تېز سۈرئەتتە ئاشتى

2017.08.11 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلگە ئاشۇرغان رايون سىرتىدىن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 2732 بولۇپ، نەقلەشكەن مەبلەغ 218 مىليارد 138 مىليون يۈەن (نېفىت ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىنغان مەبلەغ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىدىن جەمئىي 278ىدە نەقلەشكەن مەبلەغ 21 مىليارد 342 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %226.53 ئاشتى.»

  ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «بىرىنچى كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىككىنچى كەسىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، ئۈچىنچى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، نۇقتىلىق كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمە ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان رايون سىرتىدىن مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.67 ئاشقان؛ رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.18 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %41.82ى ئورۇندالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر