باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جيۇزەيگۇدا تۇرۇپ قالغان 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئىككىلەمچى مۇھىت ئاپىتى يۈز بەرمىدى

2017.08.11 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاۋغۇست سائەت 12گىچە، سىچۈەننىڭ جيۇزەيگۇدا يۈز بەرگەن يەتتە بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 20 ئادەم قازا قىلغان، 431 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 18 كىشى ئېغىر يارىلانغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاۋغۇست سائەت 13گىچە، سىچۈن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترەتلىرى يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىدا تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىلدىن 13 مىڭنى، مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىدا تۇرۇپ قالغان 71 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ۋە باشقا كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان.

  دۆلەتلىك گېئودېزىيە-جۇغراپىيە ئۇچۇر ئىدارىسى ئاپەت رايونىنىڭ يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاۋىياتسىيە ۋە سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرى رەسىمىگە ئېرىشتى. بۇ تۈركۈمدىكى تەسۋىرى رەسىملەر دۆلەتلىك ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك ئالاقىدار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارماقلىرىغا جىددىي يەتكۈزۈلۈپ، قوماندانلىق قىلىش تەدبىرىنى بەلگىلەش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سىچۈەن، گەنسۇ، شەنشى، شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرەش تەسىرىگە ئۇچرىغان دائىرىلىرىدە ئىككىلەمچى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان مۇھىت ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن، پەقەت جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدىكى بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ سۇ كىرىش تۇرۇبىسى تورى بۇزۇلغان، نۆۋەتتە شۇ جايدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇنى جىددى رېمونت قىلماقتا ئىكەن. تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق، مۇھىتقا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان باشقا خەۋپ-خەتەر ئۆزگىرىشى بايقالمىغان.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت خەزىنىسىدىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش «يېشىل يول»ىنى ئېچىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەت رايونىدىكى نەق پۇل يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نەق پۇل بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  9-ئاۋغۇست، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىچۈەن ئۆلكىسىگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 5 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر