باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ

2017.08.11 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. 2017-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  12-ئىيۇلدىن 28-ئىيۇلغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ش ئۇ ئا ر تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ، مالىيە، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلاردىن بەش ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) گە بېرىپ، 2017-يىللىق يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشتىكى ئىنكاس ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇشتىكى چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارغا تونۇشى ئېنىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولغان بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى جايلار (ئوبلاست، شەھەر) بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسىدىن 4387نى سېلىشنى پىلانلىغان، ئەمەلىي سېلىنغان قوش تىل بالىلار باغچىسى 4408 بولغان. ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر 8 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 2017-يىللىق يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىك بالىلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى يەسلى يېشىدىكى بالىدىن 1 مىليون 55 مىڭ 100ى بار بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا يەسلى يېشىدىكى 1 مىليون 128 مىڭ 900 بالىنى بالىلار باغچىسىدا ئوقۇتۇش نىشانى پىلان بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر