باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەسەبىي ئۇنسۇرلار فرانسىيەگە قايتىپ خەۋپسىزلىككە تەھدىت سالدى

2017.08.11 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كوللون يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە «غازات مولېكۇلالىرى»دىن 271 ئۇنسۇر سۈرىيە ۋە ئىراقتىن فىرانسىيەگە قايتىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 217سى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر (ئاياللار بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن) ۋە 54ى قۇرامىغا يەتمىگەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ تۈركۈمدىكى «غازات مولېكۇلالىرى» گەرچە پارىژ جۇمھۇرىيەت تەپتىش سىستېمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولسىمۇ، يەنە بەزى كىشىلەر قامالغان، لېكىن فرانسىيەنىڭ نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن.

  فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇلتۇر 6- ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلار بويىچە مۆلچەرلىشىچە: ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايونلاردىكى «غازات» ھەرىكىتىگە فرانسۇزلاردىن 1910 كىشى چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 600دىن 700گىچە كىشى مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇش رايۇنلىرىدا تۇرغان. لېكىن ھازىر فرانسىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئۇرۇش مالىمانچىلىق رايونىدىن ئايرىلىپ چىقىش بىر قەدەر تەس: ئۇ «غازات مولېكۇلالىرى» سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن ئىبارەت ئەسەبىي تەشكىلاتنى ئالداپ چىقىپ، ئاندىن يەنە سىڭىپ كىرىش تەس بولغان سۈرىيە ۋە تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتەلىشى كېرەك. پۇل ۋە مۇناسىۋەتلىك تىرەك يوق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ قەدەملەرنى تاماملاش مۇمكىن ئەمەس.

  كولون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە فرانسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىگە باشقا تەھدىتلىك كىشىلەر توپىنىڭ سىڭىپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. «بازا تەشكىلاتى» قاتارلىقلارنىڭ باشقا ئەللەردە تۇرۇپ يىراقتىن كونترول قىلىشىنى قوبۇل قىلىدىغان يەككە كىشىلەرنىڭ گەرچە سۈرىيە بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىق قىلىش ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغانلار پىسخىكىسى ئاجىز بولغانلىقتىن تۇيۇقسىز ھالدا چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى قىلىىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. كولون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تېررورچىلىق خاراكتېرى ۋە ئەسەبىيلىك ئالاھىدىلىكى بارلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن كىشىلەر توپىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھازىر 18 مىڭ 500دىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر