باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ بۆلىكىدە يولۇچىلار ئاپتوبوسىنىڭ تونىلغا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 36 ئادەم قازا قىلدى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى

2017.08.11 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاۋغۇست سائەت 23دە، بېيجىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شەنشى ئۆلكىسى قارىمىقىدىكى ئەنكاڭ بۆلىكى چىنلىڭ 1-نومۇرلۇق تونىلىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبوسىنىڭ تونىل ئېغىزىغا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاپتوبوستىكى 36 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 13 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە، يارىدارلار شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال كۆرسەتمە بەردى. ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر