باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىكى ھەيكەل چۇۋۇش زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ترامپ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.14 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 2-ئايدا، چارلوتتېسۋىللى شەھەرلىك پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ، شەھەر ئىچىدىكى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جەنۇب تەرەپ قوماندانى روبېرت لىنىڭ ھەيكىلىنى چۇۋۇشنى قارار قىلدى. شۇندىن كېيىن، ئاق تەنلىك ئۈستۈنلۈكنى تەرغىپ قىلغۇچى بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ قېتىم بۇ يەرگە يىغىلىپ، ھەيكەلنى چۇۋۇشقا قارشى تۇردى.

  11-ئاۋغۇست، ئاق تەنلىك ئۈستۈنلۈكنى تەرغىپ قىلغۇچى نۇرغۇن كىشى چارلوتتېسۋىللى شەھىرىگە يىغىلدى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار مەشئەل كۆتۈرۈپ، ۋېرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە نامايىش قىلدى. ئۇلار 8-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە بۇ شەھەردە «ئوڭ قانات ئىتتىپاقى»نىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتىپ، ئاق تەنلىكلەر بىرلىكتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. قارشى تۇرغۇچىلارمۇ يىغىلىش تەشكىللەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تەرغىپ قىلىشىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.

  12-ئاۋغۇست سەھەردە، ئىككى تەرەپنىڭ كوچىدىكى تىركىشىشى تەدرىجىي كەسكىنلىشىپ، قىسمەن ئۇرۇشۇشقا ئايلاندى، نەچچە يۈز ئادەم مۇشتلىشىپ، ئۆزئارا سۇ بوتۇلكىسى ئېتىشتى. ئاز دېگەندە بىر ئادەم توقۇنۇشتا قولغا ئېلىندى، 15 ئادەم يارىلاندى.

  ۋېرگىنىيە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت چارلوتتېسۋىللى شەھىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، «ئوڭ قاناتلار ئىتتىپاقى»نى قانۇنسىز يىغىلىشقا تەۋە دەپ بېكىتىپ، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىكىدىن تارقىلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. ساقچى تەرەپ توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش فورمىسى كىيىپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى.

  شۇ چاغدا، ئوخايو ئىشتاتىدىن كەلگەن 20 ياشلىق ئەر جامېس فېرىز بىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ، قارشى تۇرغۇچىلار توپىنى يۇقىرى سۈرئەتتە سوقۇپ، 32 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئۆلۈشىنى، 19 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ساقچى تەرەپ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئالدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي، ساقچى تەرەپنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چارلوتتېسۋىللى شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ئىككى ساقچى قازا قىلدى. ۋېرگىنىيە ساقچى تەرەپ: ئەينى ۋاقىتتا ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپ «ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىش»قا بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئەۋەتكەن بولۇپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان دەل- دەرەخلەر بۈك-باراقسان بىر جايدا چۈشۈپ كەتتى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر