باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.08.14 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە كۆرۈشكەنىدىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە زىچ ئالاقىنى ساقلىدۇق، بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ داۋاملىق مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىل جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ خىزمەت كوللېكتىپلىرى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھامبۇرگتا كۆرۈشكەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى داۋاملىق ساقلايمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەقەززامەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىرلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ھازىر مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر سوغۇققان بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا سۆھبەتلىشىش، سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ترامپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە جۇڭگو بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر