خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇلۇغچاتقا مېھىر بەرگەن بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى» تېمىسىدىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كوللېكتىپنىڭ توي مەرىكىسى 12-ئاۋغۇست ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ماناس ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمدا 11 جۈپ ياش تويلىشىش بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ، ھاياتىنىڭ بەخىتلىك مىنۇتلىرىنى باشلىدى.
بۇ قېتىملىق كوللېكتىپ توي مەرىكىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىدىن توققۇز جۈپى بار بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان ياشلاردىن يەنە ئىككى جۈپى بار ئىدى، ئۇلار بىرلىكتە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى