باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

2017.08.14 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سىگنال بەردى. يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيەگە بېرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالماشتۇرۇش مىخانىزمىنىڭ 6-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، ياپونىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى. يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندا ياپونىيەنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيە تۇتىشىپ تۇرىدىغان قوشنىلار، جۇڭگونىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىش ئاساسىي مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. سىياسىي ئاساسنى ياخشى قوغداش جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگو-ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپ ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلتېشى.

  سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ھازىر جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى يەنىلا پات-پات مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبى ياپونىيەنىڭ جۇڭگونى ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قاراشنى ھەقىقىي خالاش-خالىماسلىقى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوبۇل قىلىشنى خالاش-خالىماسلىقىدا.

  ئابى شىنىزو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سۆز-ھەرىكىتىدىن قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سەمىمىيىتى تازا يېتەرلىك ئەمەس، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇسى كۆپىنچە ئېغىزدىلا توختاپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. ئابى شىنىزو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قاتارلىق تارىخىي مەسىلىلەردە خاتالىقىنى تونۇشنى رەت قىلىپ، ئەكسىچە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاب قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز، دياۋيۈ ئارىلى، «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» قاتارلىق كونكىرېت مەسىلىلەردە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ كەلدى. بۇنداق تىپىك «ئىككى يۈزلىمىچى»لىكنى جۇڭگو چۈشىنەلمەي قالدى ۋە ئەپسۇسلاندى.

  ياپونىيە سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، تارىخىي مەسىلىلەردە جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ھۆججەتلىرى ۋە مۇراياما سۆھبىتى قاتارلىق بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر بەرگەن ۋەدىلەرگە رېئايە قىلىشى، تارىخىي تونۇشتا ھەدەپ ئارقىغا مېڭىپ، تارىخىي مەسىلىلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەستىن، تارىخقا توغرا قارىشى ۋە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.

  ياپونىيە سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان ھەربىي خەۋپسىزلىك سىياسىتى قوللىنىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، رايون سىرتىدا تۇرۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا پات-پات قول تىقىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ جۇڭگونى قورشاپ، توسۇپ، «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»گە قۇتراتقۇلۇق قىلماستىن، جۇڭگونىڭ يوللۇق دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي مەشىق پائالىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  ياپونىيە سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىش مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ نازۇك مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يوللۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، قارشىلىشىش تەپەككۈرىنى تاشلاپ، جۇڭگو بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ، ياپونىيە ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، يەرشارى ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىش چوڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە، ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە ئەلئىچى مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى دۆلەتنىڭ خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساداسى.

  ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تۈرتكۈچىسى، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپكە ئەمەلىي ياخشىلىقلارنى يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىدا لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى مەقسەت قىلىنغان. ئابى شىنىزو بۇرۇن جۇڭگو بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسى ئاستىدا ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى بىلدۈرگەن. ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر «بىر بەلۋغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاقلىشىشقا تېخىمۇ زور ئۈمىد باغلاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋاكاياما ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈردى، مۇشۇ ئاساستا يەنە نۇرغۇن قۇرۇلۇش پىلانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ ھەممە كىشى قۇۋۋەتلەيدىغان ئىش بولىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل جۇڭگو ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، كېلەر يىلى «جۇڭگو ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتنى توغرا پەملەپ، مەۋقەنى ئومۇمىيلىق ۋە يىراققا قارىتىپ، ھەم ستراتېگىيە جەھەتتە تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى، ھەم ھەرىكەتتە پۇختا قەدەم بىلەن تىرىشىشى كېرەك.

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ياپونىيە جۇڭگو بىلەن بىر يولدا مېڭىشى كېرەك. ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىگە چېتىلىدۇ، سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولمايدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىك باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىمۇ ياخشىلىيالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر