باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا-تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز ماڭدۇرۇش سىنىقى تاماملاندى، ئەڭ تېز بولغاندا بىر يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدۇ

2017.08.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز يىلدىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزدە ياسالغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا-تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز يېقىندا شاڭخەيدە سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە يول يۈرۈش سىنىقىنى تاماملىدى. جۇڭگو جوڭچې داليەن شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى چۈ تيەنۋېي مۇنداق دېدى: ماڭدۇرۇش سىنىقى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا- تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پويىز ئەڭ تېز بولغاندا بىر يىلدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئەنئەنىۋى رېلىسلىق قاتناشقا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا-تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئاساسلىق ئەۋزەللىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، شاۋقۇنى تۆۋەن. ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزغا سۇسپېنزىيە تېخنىكىسى قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بىر خىل تىنچ قاتنايدىغان بولغاچقا، كەڭ كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىتى؛ ئىككىنچىدىن، يانتۇلۇققا چىقىش ئىقتىدارى ۋە ئەگرى سىزىقتىن ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك. مېترونىڭ ‰30 يانتۇلۇققا چىقىش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز ‰100 لىك يانتۇلۇققا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە، تونېل قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئازايتالايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، چاق - رېلىستا سۈركىلىپ ئۇپراش بولمايدۇ، تولۇق ئۆمۈر دەۋرىيلىك تەننەرخى تۆۋەن. ئادەتتىكى رېلىسلىق قاتناشتا چاق - رېلىس سۈركىلىپ ئۇپراش دەرىجىسى بويىچە ئالماشتۇرۇش مۇددىتى بار ، ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزدا چاقى رېلىسقا سۈركىلىپ ئۇپراش بولمايدۇ، ئېنېرگىيەنى تېجەپ، سەرپىياتنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ.

  ياساش تەننەرخى ۋە توشۇش ئىقتىدارى جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا-تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز يول ياساش تەننەرخى جەھەتتە شەھەرلەردىكى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول ياساش تەننەرخىدىن يۇقىرى، مېترودىن تۆۋەن بولىدۇ. توشۇش ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول بىلەن تەڭلىشىپ، مېترودىن تۆۋەن بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر