باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ نامراتلىققا قارىشى كۆرىشىنىڭ ئۇلۇغ ھەلقىلغۇچ جېڭى

2017.08.15 08:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017 -يىلى 6-ئاي، شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرى ئىدى.

  ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-قېتىملىق يىغىنىدا، جۇڭگو ۋەكىلى نۇتۇق سەھنىسىگە مەردانە قەدەم تاشلاپ چىقتى ھەم دۇنيادىكى 140 نەچچە دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىپ، نامراتلىقنى ئورتاق تۈگىتىش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

  بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ نامراتلىق بىلەن بولغان كۆرەش قىلىش تارىخىدا، جۇڭگو تىكلىگەن ئابىدە.

  ب د ت تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ سابىقى باشلىقى ھايلۇن كىراك مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ ئەڭ نامرات نوپوسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆلىمى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇنىڭ سۈرئىتى مىسلىسىز بولدى!».

  نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئۇزاق تارتقان كىشى ھاللىنىشقا ئەڭ بەك ئىنتىلىدۇ.

  بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىل بويى قوغلاشقان ئارزۇسىدۇر؛ بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ يۈز يىل بويى توختمىغان كۆرەش قەدىمى؛ بۇ پارتىيە خەلقنى باشلاپ، قىسقىغىنا 30 نەچچە يىلدا 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ھەم كەلگۈسى ئۈچ يىلدا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنى مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ھەلقىلغۇچ جەڭدۇر.

  «بىز يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە ئارقىلىق، نىشانىمىزنى كۆزلەپ، جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020-يىلى نامرات رايونلار بىلەن نامرات نوپوسلارنىڭ بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

  كەلگۈسى مىڭ نەچچە كۈندە، ھەلقىلغۇچ جەڭ تەتۈر ساناق مەزگىلىگە كىرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پاتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى خەلقنى باشلاپ، قالتىس ئىرادىسى ۋە پاراسىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نامراتلىققا قارىشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئۇلۇغ ھەلقىلغۇچ جېڭىنىڭ دەۋر مەنزىرسىنى سىزىپ چىقىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر