خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قارتال بازىرى ئارادوسقۇل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىن لوشىن، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرى ئارادوسقۇل كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى، مۇنەۋۋەر ياش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قاتارلىق ھەرساھە ۋەكىللىرىدىن 33 كىشىنى تەشكىللەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، بىر كۈنلۈك مېھىر-مۇھەببەت ساياھىتى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى .
ئۇلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇ مۇزىيىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىك ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى چۈشەندى. ئۇلار ئارقىدىنلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق كۆۋرۈكى، خەلق قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بارات تۆمۈر ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل 77 ياشقا كىردىم، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىد بولۇپ كەلدىم، ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى شۇنچىلىك گۈزەل، پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، خىزمەت ئەترىتىگىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن 2017-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم كۆپچىلىكنى ئاقسۇ شەھىرىنى ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، بۇ ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولۇپ قالمايدۇ. بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدامىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى