باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مەمەتتۇرسۇن چوڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوكس تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چېمپىيون بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

2017.08.14 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاۋغۇست كەچتە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى بوكس مۇسابىقىسى ئەرلەر 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ بوكس كەسپىدىكى مەشھۇر شەخس، بايراقدار مەمەتتۇرسۇن چوڭ 4 دە 1 نەتىجە بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماھىرى خۇرچا بىلگەنى يېڭىپ، شۇ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

  ئەرلەر 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بۇ قېتىملىق بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق غوللۇق ماھىرى بولغان مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىنىڭ 1-نومۇرلۇق غوللۇق ماھىرى بولغان خۇرچا بىلگە بىلەن ئۇچراشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە كۆپ يىللىق كونا رەقىبى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ليۇ ۋېي بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشتا قازانغان غەلىبىسى مەمەتتۇرسۇن چوڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە مەدەت بەرگەنىدى.

  تۇنجى مەيدان باشلاندى، خۇرچا بىلگە ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، لېكىن مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ چاققان قەدەم ئېلىپ يۆتكىلىشى ۋە قالتىس مۇداپىئە تېخنىكىسى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ رەقىبى ئامالسىز قالدى. مەمەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىنىڭ تۇنجى مەيداندىكى ھۇجۇملىرىنى توسۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە 2 مىنۇت 32 سېكۇنت قالغاندا، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئارقىمۇ ئارقا ئاتقان ئالدى تۈز مۇشتى، ئارقا تۈز مۇشتلىرى رەقىبىنى يەرگە يىقىتتى. ئۇندىن كېيىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تۈز مۇشت، ئۇچۇرما مۇشت، ئىلمەك مۇشتنى قايتا-قايتا گۇرۇپپا شەكلى بويىچە ئېتىپ، رەقىبىنى قاتتىق ھالسىراتتى، خۇرچا بىلگەنىڭ ھۇجۇمى ئاجىزلىدى.

  ئىككىنچى مەيداندا، ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان خۇرچا بىلگە قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. مەيداندا ئىككىلا تەرەپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مۇسابىقە ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن بولدى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 2 مىنۇت 25 سېكۇنت قالغاندا، مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ئاتقان ئوڭ ۋە سول ئۇچۇرما مۇشتلىرى قارشى تەرەپنىڭ بېشىغا ئارقىمۇ-ئارقا تېگىپ، خۇرچا بىلگە 2-قېتىم يەرگە يىقىلدى. ئۇندىن كېيىن خۇرچا بىلگە قايتىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭغا بېسىم ئېلىپ كېلەلمىدى. مەمەتتۇرسۇن چوڭ 3-مەيداندا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ بېسىمدىن بىراق يەڭگىللىگەندەك بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن يارىلىنىش، مۇسابىقە بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، بۇ تۆت يىلدا شىنجاڭ بوكسچىلىقىغا نىسبەتەن كۆپ قىيىنچىلىقلار بولدى. بىراق بۇ پەيتتە، بىزنىڭ بۇ يىللاردا تارتقان جاپا-مۇشەققىتىمىز ئەرزىدى. دەپ ئويلايمەن. ھازىر گەرچە يېشىم چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەن بەل قويۇۋەتمەيمەن، كېيىنكى نىشانىم 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بىر مېدالغا ئېرىشىپ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن، يۇرتىمىز ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈش!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر