باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرىگەن رايوندا قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2017.08.14 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاۋغۇست، جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەننىڭ 4-كۈنى، يەر تەۋرىگەن رايوندا قايتىدىن قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

  شۇ كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى جەنۇبىي يېرىسيېركىن كەنتىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆچرەت تۇرۇپ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتتى. جىڭ ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى تېببىي خادىملار ئۈسكۈنىلەر ۋە رېئاگېنتلارنى ئالدىن تەڭشەپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپەتكە ئۇچراش دەرىجىسى ئېغىر بولغان تولى بازىرى جەنۇبىي يېرىسيېركىن كەنتى، ئۇلاندانداغاي كەنتىنىڭ تېلېگراف، سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلىشى نورمال بولغان، يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ تاشيول قاتنىشى ئەسلىگە كەلگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇ، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، چېدىر، تېببىي دورا قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى تولۇق بولغان.

  مۇخبىر ئۇلاندانداغاي كەنتىدە چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار بىلەن كېسەك ئۆيلەرنى چېقىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئاممىنىڭ مال-مۈلكىنى بىخەتەر جايغا يۆتكەش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مال-مۈلۈك بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، بىخەتەر ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى چېقىش خىزمىتى ئىشلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يەر تەۋرەش دىنامىكىلىق پارامېتىرى بويىچە رايونغا ئايرىش خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا، جىڭ ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەسىر دەرىجىسى سەككىز گىرادۇسقا يەتكەن، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى بولغان بولۇپ، بولۇپمۇ 2004-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش تەلىپىگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر