باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نامرات رايونلاردا يەتتە تۈردىكى ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالايدۇ

2017.08.14 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئېغىر كېسەل، سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان نامرات كىشىلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ داۋالايدىكەن، بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى، بالىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان راكى، ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۆرەك كېسىلى قاتارلىق يەتتە تۈردىكى توققۇز خىل ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار مەركەزلىك داۋالىتىلىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات رايونلارنى قاپلايدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر-يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى، سودا سوغۇرتىسى، داۋالاش قۇتقۇزۇش كاپالىتى قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلەر بار بولسىمۇ، يېزىلاردىكى نامرات كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش چىقىمى يۈكى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر. يېزىلاردىكى نامرات كىشىلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ «بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلىك داۋالاش، بىر تۈركۈم سوزۇلما كېسەللەرنى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنىڭ تېگىنى ئېنىقلاش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كىشىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەللەرگىچە دەللەشتۈرۈپ، نامرات كىشىلەرنى كېسەل كۆرسىتىش، كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىش، كېسىلىنى كۆرسىتىش قولاي بولۇش، ئاز كېسەل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر