باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ كىچىك ھوقۇق تىزىملىكى كەنت كادىرلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىقتىن ساقلىدى

2017.08.14 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان بازىرى ئاياقسۇنلۇق كەنتى كىچىك ھوقۇقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىشىدىن تارتىپ، ئىسپات چىقىرىشىغىچە بولغان بارلىق كەنت دەرىجىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئاشكارىلىدى.

  ئاياقسۇنلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى دىلشاد ھوشۇر مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بېرى قېلىپلىق، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا بولىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى كەمچىل بولغانلىقتىن كەنت كادىرلىرىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرى پات پات يۈز بېرىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى، ناھايىتى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ساۋاتسىز بولغاچ ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى بىلمەيتتى، بەزى كەنت كادىرلىرى مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىشنى كەينىگە سۆرەپ، پارا ئېلىپ، ئۇرۇغ تۇغقان يېقىنلىرىنى نەپلەندۈرەتتى.

  كىچىك ھوقۇقلار تىزىملىكى چىققاندىن كېيىن خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن كەنتتە يىغىن ئېچىش، شىكايەت خەت ساندۇقى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، مەخسۇس پۇلنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش، يېزىنىڭ ئۈچ مەبلىغىنى خالىغانچە تەقسىم قىلىۋېلىش، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 193نى رەتلەپ چىقتى ھەمدە قىسقىغىنا نەچچە ئايدا كەنت كادىرلىرىدىن دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن 230 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇپ كەلدى.

  خىزمەت ئەترىتى كىشىلەرنىڭ كىچىك ھوقۇق تىزىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كەنت خىزمىتىدىكى مەسئۇل كىشى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى تەرتىپ جەدۋىلىنى تۈزدى ھەمدە قوش تىلدا كىچىك دەپتەرچە قىلىپ ھەر بىر ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىپ، ئاممىغا ئىش بېجىرىشتا كىمنى ئىزدەش كېرەكلىكى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر