باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ش ئۇ ئا رنىڭ رايون سىرتىدىن كىرگۈزگەن چەتئەل مەبلىغى 210مىليارد يۈەنگە يەتتى

2017.08.14 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلغان رايون سىرتىدىكى تۈر 2732 بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 218 مىليارد 138 مىليون يۈەن بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇل ئەسلىھەگە سېلىنغان مەبلەغ تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ئۇل ئەسلىھە تۈرى 278 بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 32 مىليارد 342 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %226.53كە ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا «بىرىنچى كەسپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2-كەسپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش، 3-كەسپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇش»تەك ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق كەسپلەردە خېرىدار چاقىرىش، كەىسپ زەنجىرىدە خېرىدار چاقىرىش، يەرمەنكىدە خېرىدار چاقىرىش، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى زورايتىقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلىپ قىلىشتا رايون سىرتىدىن كىرگۈزگەن تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.67 ئاشقان، رايون سىرتىدىن كىرگۈزگەن مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.18ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %41.82ى تاماملانغان.

  نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: كېلەركى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى نۇقتىلىق تۈرلەرنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان تۈرلەر، ئالدىنقى يىللاردىن قېپقالغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ. يىل بېشىدا بېكىتىلگەن خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلىپ قىلىشتىكى 100 نۇقتىلىق تۈر ئاساسىدا، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش نۇقتىلىق تۈر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر