باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاق تاشلىق كىتابىدا جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسىنى تەرغىپ قىلدى

2017.08.14 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى 8-ئاۋغۇست كابېنت يىغىنى ئېچىپ، 2017-يىللىق «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»نى تەستىقلىدى. ئاق تاشلىق كىتاپتا جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيىسى تەرغىپ قىلىنىپ، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيمىچىلىك مۇدائىپە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىندى. بۇنىڭغا قارىتا ئېلمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى: ياپونيە يەنە كونا مۇقامنى توۋلاۋاتىدۇ، دېدى. ئۇنداقتا ياپونىيە قايسى كونا مۇقاملارنى توۋلىدى؟

  يېڭى ئاق تاشلىق كىتاپتا جۇڭگونىڭ دائىملىق ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە يوللۇق دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا قارىسىغا باھا بېرىلدى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قەرەللىك مەشىقلىرى، دېڭىز ساقچىسى پاراخوتىنىڭ دىياۋيۇ ئارىلى ئەتراپىنى چارلىشى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىدا دۆلەت زىمىنىنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق يوللۇق ھەرىكەتلىرىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى كېڭەيمىچىلىك خاھىشى، دېدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۇنيا مەسىلىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ياپونىيە مەسىلىسى مۇتەخەسىسى مۇنداق جاڭ خۇەنلى دېدى: ياپونىيە جۇڭگو تەھدىتىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ پاكىت تاپالمىغانلىقتىن يەنە شۇ كونا مۇقامنى توۋلاپ چىقتى. گەرچە ئۇلارنىڭ توۋلىغىنى يەنىلا كونا مۇقام بولسىمۇ، ئەمما بىز ھوشيار تۇرىشىمىز كېرەك.

  يېڭى ئاق تاشلىق كىتاپنىڭ جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ مەزمۇنى 2016-يىلىغا قارىغاندا يەنە كۆپەيگەن، كۆنا گەپلەر ئاساسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە شەرھىلىگەن بولۇپ، جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيىسى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىنغان. ياپونىيەنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ نورمال ھەربىي مەشىقلىرى، ھەربىي مانىۋېرلىرىنى بۇرمۇلاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىغا بېرىپ چارلىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىياۋيۈ ئارىلى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زىمىنى، ياپونىيەنىڭ قىلمىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداپ، ئاق-قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغانلىق.

  يېڭى ئاق تاشلىق كىتاپتا، يېڭى ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنى يەنە بىر قېتىم ئايرىم باپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇداپىئە قىسمىنىڭ كېڭەيتىلىدىغان يېڭى ۋەزىپىلىرى كونكرت شەرھىلەنگەن. بۇ ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تېچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ تېز ياردەم بېرىش، قوغداش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇرۇشتىن كېيىن، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قانۇن 9-ماددىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى. گەرچە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ئامانلىق ساقلاش قانۇنىدا كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىغا قويۇلغان چەكلىمە بىكار قىلىنىپ، قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى قوغدىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  جاڭ خۇەنلى مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش نامى بىلەن چەتئەللەرگە قوراللىق قوغدىنىش قىسمى ئەۋەتىشكە باشلىدى. ھازىرغىچە، ياپونىيە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قوراللىق قىسىم ئەۋەتتى. نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمى دۇنيادىكى ھەرقانداق جايدا قورال كۈچى ئىشلەتسە بولىدۇ.

  ئۇندىن باشقا ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ ئاساسى. ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالەت مۇھىتى كېنسېرى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىش ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ياپونىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قوغداشنى بانا قىلىپ، قوغدىنىش قىسمىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتسە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە مەيلى قۇرۇقلۇق، ھاۋادا بولسۇن ياكى دېڭىزدا بولسۇن، قوغدىنىش قىسمى ياپونىيە دەرۋازىسىدىن ئېنىق چىقىپ كەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بىرلەشمە مانىۋېرلار، بولۇپمۇ ئامېرىكا ياپونىيە ھىندېنوزىيەنىڭ ھىندى ئوكياندىكى مانىۋېرى بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ياپونىيەنى سىرتقا ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىشتىكى ھەققانىي ھوقۇققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئابې شىنزو باشتىن ئاخىر ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى چەكلىشىگە خاتىمە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئامېرىكا ھەمدە ياپونىيەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى بىر نىشان تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلار پۈتۈن ئەس يادى بىلەن بۇ نىشاننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قاراتتى. ئاتالمىش جۇڭگو تەھدىتى ياپونىيە مىللىتارىزمىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق، ئابې شىنزو ئۆزىنىڭ بۇ ياۋۇز نىيىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر