باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋېنېسۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى

2017.08.14 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا قورال ئىشلىتىشنى يوققا چىقارمايمىز دەپ داۋراڭ سالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 12-ئاۋغۇست ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز دېدى ھەم سۆزلىشىش، دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي يول ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. شۇ كۈنى، ۋېنېسۇئېلا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشى ئەسلىدە بۇ يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يەرلىك سايلامنى ئالدىغا سۈرۈپ 10-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

  تىرامپ 11-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا نۇرغۇن تاللىشى بار، بىز ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايمىز دېدى. ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوپېز بۇ ھەقتە، مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋېنېسۇئېلا ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، پۈتۈنلۈكىنى باشتىن-ئاخىر قوغدايدۇ دېدى. ئۇ يەنە تىرامپنىڭ قارىشى غالجىرلىق، ئەسەبىيلىك دەپ ئەيىبلىدى.

  ۋېنېسۇئېلانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئارىياس 12-ئاۋغۇست ۋېنېسۇئېلا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا چىقارغان قورال تەھدىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، رايون تىنچلىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقى ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش تەھدىتىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە تۈزۈلمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە تېڭىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك دېدى.

  ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي، بىرازىلىيەدىن ئىبارەت جەنۇب ئورتاق بازىرىنى قۇرۇغۇچى تۆت دۆلەت 12-ئاۋغۇست بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى. ئاخباراتتا، ۋېنېسۇئېلا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇلى-سۆزلىشىش ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى. زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ۋە ھەربىي ھەرىكەتنى رەت قىلىش-ھەر قانداق ئىچكى ۋە خەلقئارا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى دېيىلدى.

  مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مېكسىكا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 17 دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىكى لىما باياتىنىڭ مەزمۇنىنى قايتا تەكىتلەپ، ۋېنېسۇئېلا دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىيە تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئەيىبلەيدۇ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، مېكسىكا مۇمكىنچىلىكى بار بارلىق دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، تىنچ كېڭىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ۋېنېسۇئېلانىڭ دېموكراتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشىدۇ دېدى.

  پىرۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېدى: پىرۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا، ۋېنېسۇئېللاغا تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. سۆھبەت دېموكراتىك تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىر بىر قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان يول، ھەرقانداق قورال كۈچى ئىشلىتىش ئۇرۇنىشى ۋېنېسۇئېللانىڭ دېموكراتىك تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ.

  بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مۇرالىس ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ترامپنىڭ ۋېنېسۇئېللاغا قورال كۈچى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيبلىدى، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇ كۈنى ۋېنېسۇئېللا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېللاغا قورال كۈچى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيبلەش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى ھەمدە يەرلىك سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن 10- ئايدا ئۆتكۈزۈش ھەققىدە قارار چىقاردى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: يەرلىك سايلام ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۆكتىچىلەر زاراۋانلىق قىلمىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ نورمال سايلام تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن، سايلام بۇ يىل 12-ئايغا كېچىكتۈرۈلگەن. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ سايلىمى تېنچ ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش- ئېنىق، ئاشكارە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

  30-ئىيۇل ۋېنېسۇئېللا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 4-ئاۋغۇست ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشى رەسمىي قۇرۇلدى. زۇڭتۇڭ مادۇرو ئاساسىي قانۇننى قايتا تۈزۈش ئارقىلىق ئۆكتىچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پارلامېنت ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. بىراق ۋېنېسۇئېللادىكى ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بۇ ئاساسىي قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىدى. ھازىر ۋېنېسۇئېللادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەيدانىنى ئاشكارە بىلدۈرمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر