باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

2017.08.14 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدا «بىرىنچى كەسىپ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى چېكى»نى ئۆستۈرۈش، يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى كەسىپىنى بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان.

  بۇ قېتىملىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىدە «يېشىل، يېڭىلىق يارىتىشچان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئېنىق ۋە توغرا، قوللىنىشچان» بولۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان.

  كۆرگەزمە مەيدانى كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 300دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە تىزىملىتىپ قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چەت ئەلنىڭ داڭلىق كارخانىلىرىدىن «جون دىرى»، «يانمار»، «لېمكېن»، «ماسچىيو» قاتارلىقلار، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلاردىن «جۇڭگو يىشې»، «لېيۋول ئاپوس»، «چاڭجۇ شەرق شامىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى»، «جۇڭليەن جۇڭكې» قاتارلىقلار، شىنجاڭ ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلاردىن «شىنيەن پاي چېكى كارخانىسى»، «شىخەنزە كېشېن»، «تيەننوڭ» قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر