باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۈجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالدى

2017.08.15 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) يېقىندا، چۈجۇ شەھەرلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە كېلىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاقلاشتى ھەمدە ناھىيەلىك سانائەت باغچا رايونى ۋە يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 6-تۈەن-مايدانىنىڭ يېزا ئىگىلىك باغچا رايونى بىلەن ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالىدى.

  كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى مەخسۇس فىلىم ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپى، قارا قېرىنقۇلاق پىششىقلاش، جىغان بايلىقى، ئۇنچىلىق كەسپى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، نۇقۇت تېرىقچىلىقى قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  چۈجۇ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشكە قارىتا ئېتبار سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، دوستلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش، ماركىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرۈتكە بۇلۇپ، چۈجۇ – ئۇچتۇرپاننىڭ دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق پىلانلارنى تۈزۈشتى. جېجياڭ «بۇلاۋشىن» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ «جىنشاۋ» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، چۈجۇ «ليۇ جياشياڭ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ «لاۋ شۇگېن» چايچىلىق تەرەققىيات پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جېجياڭ «جۈ شياڭ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سانائەت باغچا رايونى باشقۇرۇش كومېتىتى 355 مىليون يۈەنلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك 1-شىسى 6–تۈەن-مەيدانىنىڭ يېزا ئىگىلىك باغچا رايونى بىلەن 150 مىليون يۈەنلىك تۈر كىلىشىمى ئىمزالىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر