باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن 500 مىليون دوللار پۇل ئاجراتتى

2017.08.15 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران پارلامېنتى 13-ئاۋغۇست بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تۈرى ۋە ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەرىكىتىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خام چوت ئاجرىتىشنى قارار قىىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى جازاسىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

  244 پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈندىكى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى، 240 ئادەمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى تەكلىپ لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، كۈچكە ئىگە بولدى.

  بۇ تەكلىپ لايىھەگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت 260 مىليون دوللار كۆپەيتىپ چىقىرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا، يەنە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىمى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر ئارمىيەسى»گە 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتىپ بەرگەن. «مۇقەددەس شەھەر ئارمىيەسى» ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىراق ۋە سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلىدۇ.

  قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىران چېگراسىدىن كىرىشى چەكلەنگەن. سەۋەبى شۇكى، ئۇلار تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەبلەغ ، ئاخبارات، ھەربىي ئىشلار، ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئىراننىڭ ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى بولغان ئىران «خەلق غازاتچىلار تەشكىلاتى» بىلەن ئالاقىسى بار نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر