باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى 20 مىليون مو يەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىشنى قوللىدى

2017.08.15 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق 20 مىليون مو يەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش نىشان-ۋەزىپىسى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرگە تەقسىملەنگەن. جايلارنىڭ يىللىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى كۆپ خىل مەبلەغ يولى ئارقىلىق نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغىدىن ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان قىسمى ئالدى بىلەن بۇ ۋەزىپىنى تاماملاشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىشنى تاماملاش كۆلىمى 9 مىليون 750 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %48.8نى ئىگىلىگەن، جايلار 29 مىليارد 621 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىنكى قەدەمدە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، جايلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر