خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، بولت تاماشىبىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇ كۈنى، 2017-يىللىق خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سەپتىن چېكىنگەن يامايكالىق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى بولت لوندون ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىغا كېلىپ، يۈگۈرۈش يولى ۋە تاماشىبىنلار بىلەن خوشلاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى