باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش داۋاملىشىۋاتىدۇ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ئىككى يىلدىن بۇيانقى يېڭى نۇقتىغا چىقتى

باجدا بېرىلگەن «قىزىل بولاق» ئىقتىسادنىڭ «ھۈجەيرىلىرى» نى غىدىقلىدى (دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئەمەلىيىتى . يېڭى ئىدىيە يېڭى تەرەققىياتنى يېتەكلىمەكتە)

2017.08.15 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەندۇڭ «جىنجيەن» ئەشيا ئوبوروتى رايونىنىىڭ ئىچى 8-ئايدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، باش دېرېكتور لۇ خۇڭبىننىڭ چىرايىدىن خوشاللىق نۇرى يېغىپ تۇراتتى. ئۇ: «بۇ يىل بىز يەنە 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق باج كېمەيتىش <قىزىل بولىقى> غا ئېرىشتۇق، بۇ پۇللارنى نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاشنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىمىز، بۇلار شىركىتىمىزنى يېڭى بىر بالداق تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدۇ، كارخانىمىزنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى»، دېدى.

  كارخانىلار ئىگىلىكنىڭ «ھۈجەيرىلىرى»، ئىقتىسادنىڭ قىزىشىغا ياكى سوۋۇشىغا نىسبەتەن بەكمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولىشىچە، 2-پەسىلدە كىچىك، مىكرو سانائەت كارخانىلىرىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى%96.5 كە يىتىپ، 1-پەسىلدىكىسىدىن 3.4 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، بۇ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكەن. «بۇ <بۇلاق> نى جانلاندۇرغىنى دەل تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىكى بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت»، دېدى دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

  باج يۈكى بارغانسېرى يېنىكلىتىلىدۇ. 382 مىليارد 500 مىليون يۈەن باجنى كېمەيتىش، 335 مىليارد 500 مىليون يۈەن ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يەنە 283 مىليارد يۈەن ھەقنى تۆۋەنلىتىش ...... يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، كارخانىلار 1 تىرىليون يۈەنلىك يۈكنى يېنىكلىتىدىغان «قىزىل بولاق»قا كەينى-كەينىدىن ئېرىشتى. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي 700 مىليارد يۈەن باج كېمەيتىلدى، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ نىسبىتى %13 تىن %11 كە تۆۋەنلىتىلدى. كىچىك، مىكرو كارخانىلار يەنە باج كېمەيتىش ئېتىبارىغا ئېرىشتى، تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنىڭ يۇقىرى چېكى 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلدى. مەركەز تەسىس قىلغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي-كەسپىي ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى توختىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى %50 تۆۋەنلىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر