- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۆت تارماق بىرلىشىپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى
«قوبۇل قىلىش» نامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك
2017.08.15 15:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-ئاۋغۇست ئۇقۇشىچە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت تۆت تارماق بىرلىشىپ «<قوبۇل قىلىش، خىزمەت تونۇشتۇرۇش> نامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە شاخلىتىپ سېتىشنى ئۈچ ئايلىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇن بويىچە بىكار قىلىدىكەن.
يېقىندا، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىپ، ھەر خىل يول ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، شاخلىتىپ سېتىش قىلتاقلىرىغا چۈشۈرۈشتەك ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى شاخلىتىپ سېتىش ئەۋجى ئالغان نۇقتىلىق رايونلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچەيتىپ، توپلىشىپ شاخلىتىپ سېتىش ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتا تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى ۋە شاخلىتىپ سېتىش تايانچلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. «ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نى باھانە قىلىپ، «قوبۇل قىلىش»، «خىزمەت تونۇشتۇرۇش» نامىدا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ شاخلىتىپ سېتىشقا قاتناشتۇرغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرىنى قەتئىي يوقىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ شاخلىتىپ سېتىشقا قاتناشتۇرغان چوڭ، مۇھىم دېلولارنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تەشكىللىگۈچى ۋە تايانچ ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، شاخلىتىپ سېتىش تورىنى گۇمران قىلىدۇ. بىۋاسىتە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر