باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: قىسمەن جايلاردا چوڭراق ھادىسىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى

2017.08.15 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا 4-تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا ئىنكاس قىلىپ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان ۋە تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ سەككىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 6-ئايدىن 7-ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل، شاڭخەي، خۇبېي، گەنسۇ، خەينەن، شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە بىر ئايلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئامانلىقنى قانۇن بويىچە ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نۇقتىلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىغان.

  ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە(رايون) دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، دەرھال تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر