- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى
يەر ئۈستى سۈيى سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى %70كە يەتتى
2017.08.15 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 14-ئاۋغۇسىت 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق مەملىكەت بويىچە سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى: دۆلەت كونترۇل قىلىدىغان يەر ئۈستى سۈيىنى كۆزىتىش تورىدىكى 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ياخشىلانغان.
2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۈپەتلىك بولۇش (Ⅰ—Ⅲتۈرگىچە) نىسبىتى %70.0 (2017-يىللىق نىشان %68.3)كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنتى ئاشقان؛ ئىشلىتىش فۇنكسىيەسىنى يوقاتقان (ناچار Ⅴ تۈردىكى) سۇنىڭ نىسبىتى %8.8 (2017-يىللىق نىشان %8.4)كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە 27 كەسمە يۈز سۇ سۈپىتى تۆۋەنلىگەن، قىسمەن جايلارنىڭ 2017-يىللىق سۇ سۈپىتى نىشانىنى تاماملاش قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەككەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر