- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاشىغا مۇناسىۋەتلىك تۆت چوڭ پىتنە-پاسات
2017.08.17 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە باش كۈز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پاشىلار يەنىلا توختىماي غوڭۇلدىماقتا. كونىلاردا «كۈزدە پاشىلار خۇددىي يولۋاستەك بولۇپ كېتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار بولۇپ، پاشىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا كىشىلەر تونۇغان ۋە نام بەرگەن پاشا تەخمىنەن 3500 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدىن تارقىلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى دېنگې قىزىتمىسى، بەزگەك، تارقىلىشچان Z تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلار بار ئىكەن، پاشا چېقىش ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەر 80 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى تەخمىنەن 725 مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىغا زامىن بولىدىكەن.
پاشا ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر تارقالماقتا، بۇ گەپلەرنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى يالغان؟ بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بېرىلدى.
بىرىنچى ئىغۋا: پاشا مەلۇم بىر خىل قان تىپىغا بەك ئامراق.
ھەقىقىي ئەھۋال: پاشا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، ئىسسىقلىق، پارلىنىشچان خىمىيىلىك ماددىلارغا تايىنىپ ئورۇن بەلگىلەيدۇ.
ئىككىنچى ئىغۋا: ۋىتامىن B1 سۇ ماغزىپى پاشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق.
ئۈچىنچى ئىغۋا: پاشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندە، تېرە يۇقۇملىنىدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.
تۆتىنچى ئىغۋا: كىسلاتالىق بەدەن پاشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: قۇرۇق گەپ.
ئۇنداقتا، راستىنلا پاشا ئامراق كىشىلەر توپى بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە راستلا بار، پاشا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغان، ھەمدە تىنىقىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى كۆپ چىقىرىدىغانلار، بەدىنىدە پۇراق بارلار، گىرىم قىلغانلار ياكى چاچ يىلىمى ئىشلەتكەنلەر، قېنىق رەڭلىك كىيىم كىيگەنلەر، ھاراق ئىچكەنلەر ۋە ھامىلىدار ئاياللارغا تېخىمۇ ئامراق.
پاشا قوغلاشتا، پاشىلىق ئىشلىتىپ ئايرىۋەتكەندىن باشقا، ئېلېكترونلۇق پاشا يوقىتىش ئەسۋابى، ئىسرىق، پاشا پۈركۈمىسى قاتارلىقلار دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇلدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پاشا تىنچ ھالەتتىكى سۇ ئىچىدە تۇخۇملايدۇ، شۇڭا، ئۆيدىكى سۇ يىغىلغان جايلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، پاشىنىڭ سۇ ئىچىدە كۆپىيىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر