باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇسى ئاز بالىلار ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن

2017.08.17 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى «بالىلار كېسەللىكلىرى» ژۇرنىلىدا 15-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولغان بالىلارنىڭⅡ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساينت گېئورگې ئىنستىتۇتى باشچىلىقىدا ئىشلەنگەن تەتقىقاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئۇيقۇ بەك كۆپ ياكى كەمچىل بولسا، سېمىزلىك كېسىلى ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. بالىلارغا نىسبەتەن قېنىپ ئۇخلاشنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى سېمىزلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى، بىراق مەخسۇس ئۇيقۇ بىلەن Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ناھايىتى ئاز.

  تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: بالىلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كۈنلەردە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 10.5 سائەت ئۇخلايدىكەن، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 سائەت ئۇخلىشى تەۋسىيە قىلىنغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇخلاش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، دىيابېت كېسىلى خەۋپ-خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. ئوتتۇرىچە ھەر بىر سائەت ئارتۇق ئۇخلىغاندا، ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىش سەۋىيەسى % 2.9 تۆۋەنلەيدىكەن، ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرى تەركىبى %0.24 تۆۋەنلەيدىكەن. ئىنسۇلىن بىلەن قارشىلىشىش Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  بۇرۇن بايقالغانغا ئوخشاش يېرى شۇكى، بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، سېمىزلىك خەۋپ -خەتىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، تەتقىقات جەريانىدا ئوتتۇرىچە ھەر سائەت ئارتۇق ئۇخلىغاندا، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچ سانى 0.19 ئازىيدىكەن، بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچ سانى ئورۇق-سېمىزلىكنى ئۆلچەشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچىمى __ ھېسابلاش ئۇسۇلى: بەدەن ئېغىرلىقىنى (kg) بوي ئېگىزلىكىنىڭ (m) كىۋادراتىغا بۆلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن قاندىكى ماي، قان بېسىمى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپ-خەتىرى ئامىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تەتقىقاتتا ئىپادىلەنمىدى.

  تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى خەۋپ-خەتىرى مەنپىي باغلىنىشلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ساينت گېئورگې ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى كرىستوف ئوۋېن مۇنداق دېدى: «بۇ بايقاشلاردىن ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئادەم ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەدەندىكى ماينى ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى خەۋپ – خەتىرىنى ئازايتىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر