باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

2017.08.16 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 8- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك ئەدلىيە مەدەنىيلىكىنى تىرىشىپ يارىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلاشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدلىيە مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى يادرو قىلىنغان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى سودىيەلەر، پىروكۇراتورالار ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، كەسپىي كاپالەت تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتى، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ رامكىسى تەدرىجىي شەكىللەندى؛ سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى بىر يۈرۈش تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئىسلاھاتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئاكتىپ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمى قۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا ۋە سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپكە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي ئاپپاراتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش ھەرىكەتلىرىنى سوت كوللېگىيەسىدە سوت قىلىشنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ج خ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكىنى قوللىنىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنىڭ زامانىۋى پەن- تېخنىكىنى قوللىنىپ ئەدلىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ھازىرلىشى كېرەك. سىياسىي قانۇن تارماقلىرى مەملىكەتلىك ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى تولۇق، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم لايىھەلەردە ئۆتكەلنى ئۆزى ئىگىلەپ، ئىسلاھات داۋامىدا كۆرۈلگەن مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، زور ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئورتاق ياخشى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىن سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىرىگىچە ئېچىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر