باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئاممىسى ئابىشىنزۇنىڭ پوزتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

2017.08.16 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزۇ تۈنۈگۈن توكيودا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، سۆز قىلغاندا يەنىلا «زىيانكەشلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە توختالمىدى، ئۇرۇش ئۈستىدە «چوڭقۇر ئويلىنىدىغانلىقى»نىمۇ بىلدۈرمىدى. بۇ ئابىشىنزۇنىڭ 2012-يىلى يىل ئاخىردا ھاكىمىيەت بېىشىغا چىققاندىن بۇيان، ئۇدا 5-قېتىم خاتىرلەش پائالىيىتىدە «زىيانكەشلىك قىلىش» ۋە «ئويلىنىش» مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقى بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ۋە ئامما بۇنى تەنقىدلىدى.

  ياپونىيە « مۇراياما سۆھبىتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش»كېڭىشىنىڭ باشلىقى فۇجىتا تاكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيە ئاشۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىلىرىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ئابىشىنزۇ بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشى، تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ۋە كەچۈرۈم سورايدىغان مۇراياما سۆھبىتىگە ئومۇميۈزلۈك ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.

  توكيودىكى بىر شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دېدى: ئابىشىنزۇ ئىزچىل تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قارىمىدى. ياپونىيە قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى نەچچە مىليون خەلقنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئابىشىنزۇ بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەتلەر كەچۈرۋەتكەنگە قەدەر ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر