باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىللېرسون:ئامېرىكا چاۋشەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا يەنىلا چاۋشەن بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ

2017.08.16 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن چاۋشەن يېقىندا ئۆز ئارا تىل ئۇرۇشى قىلىپ، چاۋشەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون 15-ئاۋغۇست، ئامېرىكا چاۋشەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا يەنىلا چاۋشەن بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ، دېدى.

  تىللېرسون شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يەنىلا چاۋشەن بىلەن سۆزلىشىشكە قىزىقىدۇ، ئەمما بۇ چاۋشەن رەھبىرى كىم جۇڭئىنغا باغلىق. تىللېرسون بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس 14-ئاۋغۇست «ۋول كوچىسى كۈندۈلۈك گېزىتى»دە بىرلىشىپ ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئامېرىكىنىڭ چاۋشەننىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشىدىكى ئالدىن تاللىشى، ئامېرىكىنىڭ چاۋشەنگە تىنچلىق بېسىمى ئىشلىتىشىدىكى نىشانى چاۋشەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ چاۋشەن ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىش ياكى چاۋشەن بىلەن كورىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تېزلىتىش مەخسىتى يوق. شۇنداقلا ھەربىي رايون بولمىغان جاينىڭ شىمالىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئويىمۇ، چاۋشەن خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىمۇ يوق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر