باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق بولغان تۇرالغۇ ئىگىلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇلۇپ مەكتەپكە كىرىشكە بولىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى

2017.08.16 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئاۋغۇست، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش كومىتېتى ئورگان تورىدا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق بولغان تۇرالغۇلارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە «‹بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق تۇرالغۇلارنى پىلانلاش، لايىھەلەش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى (سىناق نۇسخا)نى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)غا قارىتا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەردىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن جاۋاب قايتۇرۇش داۋامىدا، بۇ تارماق مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق تۇرالغۇلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈرىگە تەۋە تۇرالغۇ ئىكەنلىكى، بېيجىڭ شەھىرىدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بېجىرىلىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پىكىر ئېلىش جەريانىدا، چارە ۋە يېتەكچى پىرىنسىپ كەڭ ئامما، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 6گىچە، «چارە»گە قارىتا بېرىلگەن 2730 پارچە قايتما ئىنكاس پىكىر تاپشۇرۇۋېلىندى، «يېتەكچى پىرىنسىپ»قا قارىتا 58 پارچە قايتما ئىنكاس پىكىر تاپشۇرۇۋېلىندى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر بۇ ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئالقىشلىدى.

  «چارە»گە قارىتا، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر ئاساسلىقى بويتاق ئائىلىنىڭ ئىلتىماس قىلىش يېشى، نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ يىل چەكلىمىسى، ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش خاتىرىسى ۋە نوپۇسقا، ئوقۇشقا ئېلىشقا بولامدۇ-يوق؟ قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر