باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «ئۇلى» ۋە «روھى»نى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتەيلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدا

2017.08.15 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا «خۇاديەن» شىنجاڭ شىركىتىنىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك يىغىن زالىدا ئۆزگىچە پارتىيە دەرسى سۆزلەندى. 100دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوخشىمىغان سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلامدىكى ئالتە پارتىيە ئەزاسى ئېلىپ كەلگەن روھىي ئوزۇقتىن بەھرىلەندى. باش لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئىلگىرىكى پارتىيە دەرسىنىڭ ئەنئەنىۋى دەرس ئۆتۈش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆپ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، سۈرەتمۇ، تېكىستمۇ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قانداق قىلغاندا ئادەتتىكى ئىش ئورنىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى زىيارەت شەكلىدە شەرھلەپ بەردى... بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى راۋاجلاندۇرۇلسا دۆلەت كارخانىلىرى روناق تاپىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە دۆلەت كارخانىلىرى قۇدرەت تاپىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «ئۇلى» ۋە «روھى»نى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئىشلىرىنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشى، ماس ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىدىكى «ئاساسىي زەنجىر»نى چىڭىتىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈل خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. دۆلەت كارخانىسى پارتكومى(پارتگۇرۇپپىسى) سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  بۇلتۇر 10- ئايدا مەركەز مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دەرھال دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ ۋە يەتكۈزۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا ئۆگەندى، قايتا ئىزچىللاشتۇردى ھەم دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ئەمەلىي تۇتۇشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە ئىش تەقسىماتى»نى ۋاقتىدا بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئەمەل قىلىدىغان تۈزۈم، مەشغۇلات ئۇسۇلى، ئېنىق ۋەزىپە تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم شۇجىلىرىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق شەخسلەر»نى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تەشەببۇسكارلىق جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش ئارقىلىق، جايلار، تارماقلار، كارخانىلاردا بىر دەرىجىلىك بىر دەرىجىلىكنى تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا تولۇق نامايان قىلىندى ۋە ھەقىقىي كۈچەيتىلدى.

  شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لى جيەنجۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا ھەم ئىقتىسادىي ھېساباتقا، ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى ھېساباتىغا قاراش كېرەك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق، چىڭ تۇتالماسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق، تۇتماسلىق ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

  ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشتىكى ياخشى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىسى تۈزۈمىنىڭ «ئالاھىدە»لىكى شۇكى، ئۇنىڭدا پارتىيە رەھبەرلىكى شىركەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى شىركەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تەشكىللەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، كونكرېتلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىندا تۈزۈلگەن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى «N+1» ھۆججىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىردەك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەلىپىنى شىركەت نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى ھۆججەت تارقىتىلىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى 15 كارخانىنىڭ پارتكوم كېڭىشىش قائىدىسى ۋە قارار قىلىش تەرتىپىنى تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇدىرىيەت يىغىنى، دىرېكتورلار قاتلىمىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ ئالدىنقى تەرتىپى قىلدى، ھازىر ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار شىركەت نىزامنامىسى، كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى.

  «قوش يۆنىلىشلىك كىرىش، گىرەلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش»تە چىڭ تۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار پارتكوم يىغىنى ئەزالىرى بىلەن مۇدىرىيەت يىغىنى، دىرېكتورلار قاتلىمى ئەزالىرى گىرەلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى %100 ئىشقا ئاشۇردى، باش مۇدىر ۋە پارتكوم شۇجىسى «ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش» يولغا قويۇلۇپ، باش دىرېكتور مۇئاۋىن شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالدى.

  شىنجاڭ «شىنيې» گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركىتىمىز چوڭ- چوڭ ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشتە، بىردەك ئالدى بىلەن شىركەت پارتكومىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا يوللىغاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت يىغىنى، دىرېكتورلار قاتلىمى قارار قىلدى، ھازىرغىچە 25 قېتىم پارتكوم يىغىنى ئېچىلىپ، 54 تۈرلۈك قارالما قاراپ چىقىلىپ، ئىككى تۈرلۈك ئىش ئىنكار قىلىنىپ، ئىككى تۈرلۈك ئىش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلۈپ قارار قىلىنىپ، شىركەت پارتكومىنىڭ يادرولۇق رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

  ھالقىلىق ئاز سانلىقلارنى تەربىيەلەش ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى «باشلامچى» لارنى چىڭ تۇتۇش

  دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىدىن ئىبارەت بۇ قوشۇننى ياخشى قۇرۇش، بۇ قوشۇندىن ياخشى پايدىلىنىش، بۇ قوشۇننى ياخشى باشقۇرۇش − دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، سەرخىللاشتۇرۇش ۋە زورايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىزچىل سىياسىي تەلەپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى ساپالىق دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىگە قويغان «20 خەتلىك» ئۆلچەم ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارغا قويغان «ئۈچ ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانا رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللىدى ھەم بەنزە قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ياخشى بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشىلىتىش يۆنىلىشىنى تىكلىدى. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق نازىر دەرىجىلىك كادىر بويىچە باشقۇرۇلىدىغان 71 كارخانا رەھبىرىي كادىرى ئىچىدە يەتتە ئايال كادىر، ئۈچ پارتىيەسىز كادىر، 12 ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بار، 50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ نىسبىتى 33.8%، ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەرنىڭ نىسبىتى %88، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ نىسبىتى %55 بولۇپ، بەنزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىدار ۋە ساپا قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى.

  كارخانا رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيە- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ <ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش> ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» تۈزۈپ چىقىلىپ، پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، غايە، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، «تۆت ئاڭ» ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇق، ئىش، ئادەم باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كارخانا مەسئۇلىنىڭ تىجارەت نەتىجىسىنى تۈرلەرگە ئايرىپ باھالاشنى كۆزىتىپ باشقۇرۇش، ئىش ھەققىنى باشقۇرۇش قاتارلىق باشقۇرۇش چارىلىرى تۈزۈلۈپ، رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا كۈچ چىقىرىلىپ، «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك قىلىشنى خالىماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق» مەسىلىسى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇش، كەسپىي تېخنىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئارقىلىق بىللە تۇتۇلغان ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ كارخانىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، «سىرتقى جەھەتتىكى تەربىيەلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى جەھەتتىكى تەربىيەلەشنى دائىملاشتۇرۇش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەشنى كەسپىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. ئاز سانلىق مىللەت كادىرىدىن 24ى مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى، 180 دىن ئارتۇق كارخانا باشقۇرغۇچىسى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، «شېنخۇا» باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېلىل ناسىر مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارمۇ پارتىيەنىڭ كادىرى، سىياسىي جەھەتتە ئۇلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىردەك. كارخانا رەھبەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى مۇستەھكەملەپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ «باشلامچى»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ «ئاۋانگارت»لىرىنى يېتىشتۈرۈش

  پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئىچىدىكى ئىستىھكام، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى.

  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كارخانىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى مەيلى قانداق تەڭشەلسۇن، باشقۇرۇش مېخانىزمى قانداق ئۆزگەرسۇن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە قانداق يېڭىلىق يارىتىلسۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي تەشكىلاتلار، ئاساسىي قوشۇن، ئاساسىي تۈزۈمدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «تۆت ماس قەدەملىك، تۆت ئۇدۇللاش»نى باشتىن- ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  «كارخانا قەيەرگىچە تەرەققىي قىلسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىپ بارىدۇ، پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئىستىھكاملىق رولىمۇ شۇ يەرگىچە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ» دېگەن قاراش دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، مەسىلەن: «جۇڭتەي» گۇرۇھى خەلقئارا ھەمكارلىق شىركىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تارماق شىركىتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى؛ شىنجاڭ تېلېگراف شىركىتى مۇلازىمەت كۆزنىكىدە پارتىيە ياچېيكىسى ياكى پارتىيە گۇرۇپپىسى قۇردى... ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1100 دىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىدا 14 مىڭغا يېقىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بار بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھىمى يەنە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قاراش كېرەك. «تەڭرىتاغ ئاۋانگارتلىرى» پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە «جۇڭتەي» گۇرۇھىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ئۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈچتە بەسلىشىش، ئۈچنى باھالاش»، «شۆفېڭ» پەن- تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ «ياۋ چاڭخۇا گۇرۇپپىسى»، رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ «ھىدايەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگىچە داڭلىق ماركا يارىتىلىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى قاتتىق چىڭىتىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. 280 كارخانا پارتىيە، ئاممىغا ئالاقىدار خىزمەت تۈزۈمىدىن 320 نى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت تەرتىپى دىياگراممىسىدىن 140 نى تۈزۈپ، تەرتىپلەرنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈردى؛ كارخانا رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى باشلامچىلىق بىلەن سەھنىگە چىقىپ، 2435 مەيدان پارتىيە دەرسى سۆزلىدى.

  دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك كۈيىنى ياڭرىتىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، دۆلەت كارخانىلىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ كۈچىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، «سىرتقا چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم كۈچكە، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى زورايتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  قاتناش- قۇرۇلۇش گۇرۇھى يېقىندا قوبۇل قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 3700 ئارتۇق ئەمگەكچى تولۇق تەربىيەلىنىپ، كەينى- كەينىدىن ئىش ئورنىغا چىقىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەسمىي ئىشچى- خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  بۇ يىل ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى 100 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۇنجى يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى «بىر ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرساق، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىمىز» دېگەن مەسئۇلىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «دۆلەت كارخانىلىرىغا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، بۇ يىل 10 مىڭ 34 كىشىنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى، ھازىر 8300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىدىمۇ دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 32 مەمۇرىي كەنتىدىكى نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلىدى، 14 مەركەز كارخانىسى 27 نامرات ناھىيەنى نۇقتىدا يۆلىدى، جەمئىي سېلىنغان يۆلەش سېلىنمىسى ۋە ماددىي ئەشيا سېلىنمىسى 1 مىليارد 380 مىليون يۈەنگە يەتتى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ھەممە جايدا يولغا قويۇلدى، ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ 10 مىڭ مو چۈچۈكبۇيا ۋە ئوت- چۆپ تېرىش، ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ «قۇربان» بازىرى، يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ھويلا ئۈلگە كوچىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق شىركىتىنىڭ كەپتەر بېقىش كەسپى، رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك سورتلۇق بېغى، «شۆفېڭ» پەن- تېخنىكا شىركىتىنىڭ توشقانزەدىكى بازىسى قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يۆلەش تۈرلىرى مەيدانغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3343 كارخانا باشقۇرغۇچى خادىم ۋە كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى 4208 ئىشچى- خىزمەتچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 947 مىڭ 900 يۈەن پۇل، 43 مىڭ 497 ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، ھەل قىلىنغان ئەمەلىي مەسىلە 4679 بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1300 نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ھازىر، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى «قىزىل موتورلۇق» رولى تەدرىجىي نامايان بولماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە ئىسلاھاتنىڭ قىيىن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەندىلا، ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزغىلى، سەرخىللاشتۇرغىلى، زورايتقىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ زور، تېخىمۇ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر