باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

باقمىچىلىقنى ۋەكالىتەن باشقۇرۇش چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

2017.08.15 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەنت ئاھالىسى گۈلنۇر ئامان (سولدا) ئۆيىدىكى كالا-قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ۋەكالىتەن بېقىشقا بەرگەندىن بېرى، ئۆزىنىڭ كەشتىچىلىك دۇكىنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاچماقتا (23-ئىيۇل تارتىلغان)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاقتۇ ناھىيەسى قىزىلتۇ يېزىسى قاراجۇل كەنتىدە مەمەتئىمىن تۇرسۇن ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر تەرەپتىن مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن قوي قوتىنىنى تۈزەشتۈرۇۋاتاتتى. ئاقتۇ ناھىيەسى جاي ئالدى چارۋا بېقىپ كۆپەيتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ بۇ كېڭەش باشلىقىنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغان سۆزى: «پەقەت ئويلىمىغانتىم».

  1000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇقراق ئۆلچەملىك قوي قوتىنى، بىر تۇتاش سەپلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى، پاكىز يەم-خەشەك ئامبىرى __ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چارۋىچىلىق ئىدارىسى ھەمكارلىق كوپېراتىپى ئۈچۈن ھەقسىز ئوڭشاپ، سېلىپ بەرگەن، بۇ، مەمەتئىمىننىڭ ئويىغىمۇ كىرىپ باقمىغان ئىدى.

  2015-يىلى، ھەمكارلىق كوپېراتىپى ناھىيەدىكى «ئون ئائىلىلىك بىرلىشىپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش» تۈرى قىلىپ تاللاندى، مال-ۋارانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ۋەكالىتەن بېقىشقا تاپشۇرۇپ بېرىلىپ، يىل ئاخىرىدا پايدىسى ئايرىلدى. مەمەتئىمىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىپتىمەن». پاي قوشقان چارۋىچىلارمۇ پايدىغا ئېرىشتى، نۇرغۇنلىغان چارۋىچى يىراق يېزىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە باشلىدى.

  ئابدۇھېمىترېھىم توختى قويىنى ۋەكالىتەن بېقىشقا بەرگەنلەرنىڭ بىرسى، 2015-يىلى، ئۇ ئۆيىدىكى 20 تۇياق قويىنى ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەپ، بىر يىلدا ساپ 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بۇ يىل ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە خۇيجۇ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلىمەكچى.

  نۆۋەتتە يېزىدا 20دىن ئارتۇق باقمىچىلىق كەسپىي كوپېراتىپى بولۇپ، ۋەكالىتەن بېقىش شەكلى بىلەن 200دىن ئارتۇق چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشى ياكى ئۆز يېزىسىدا ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر