باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر

2017.08.15 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، بەس- بەستە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، بايرىقى روشەن ھالدا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى ئەيىبلەيدىغان داغدۇغىلىق دولقۇن قوزغاپ، يەر- جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ھەيۋە بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭراتتى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، باش نىشاننى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما قەلبىدە تىكلىگەن بايراققا، چىڭ تۇتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىگە، ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان يادرولۇق سۆزگە ئايلاندۇردى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتەك قىزغىن ھېسسىياتىنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي كۈرەش قىلىشتەك دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلەشتەك ھەقىقىي ھېسسىياتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك»، «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ مۇھىمى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، تىنچ- ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان- ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك»، «يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك. بۇ نۆۋەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش نىشانى»، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە بېكىتىپ بەرگەن باش نىشان، بىزگە قويغان ئومۇمىي تەلەپ، شۇنداقلا بىزگە تاپشۇرغان مۇقەددەس بۇرچ بولۇپ، ئۇنىڭغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن.

  مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. ھازىر مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار قەتئىي ئادا قىلىش شەرت بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەت، كادىرلارنىڭ «بەشنى تونۇش»، «تۆت ئاڭ»، «تۆتكە بويسۇنۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى قەتئىيلىكىنى، قىلچە ئىككىلەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىيلىكىنى سىنايدىغان مۇھىم سىناق، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان زور سىناقتۇر.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار باشتىن- ئاخىر باش نىشاندىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيلىقتا ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاپتونوم رايوننىڭ 8- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېچىلغان يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى قەتئىي كېڭەيتىپ، ھەممە تەڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، مەركىزىي شەھەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ خىزمەت ئەندىزىسى»نى پائال بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  بىرىنچى، دۇرۇس، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈپتىن ياخشىلاپ، مەنبەدىن تازىلاپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «دۇرۇس بولۇش» ئۈچۈن، نىيەت دۇرۇس بولۇشى كېرەك. «ئەمەلىيەتچىل بولۇش» ئۈچۈن، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش كېرەك. مەيلى قايسى مىللەت، قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇمىلاق تاۋۇز بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بىز قەتئىي سادىقلىقنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىشىمىز، ئىدىيەۋى باش ئۆتكەلنى باشتىن- ئاخىر چىڭ ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باشتىن- ئاخىر بارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى قىلىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەپت- بەشىرىسىنى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نىڭ رېئال زىيىنىنى ھەقىقىي پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ئىدىيەدىكى قايمۇقۇش، گاڭگىراشلارنى تۈگىتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاكتىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ ۋە قوزغىتىپ، دۇرۇس، قەيسەر بولۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى كۈرەشتە ئەڭ مۇھىمى پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، سەمىمىي، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدىغان پوزىتسىيە ۋە جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ، تۈپتىن ياخشىلاپ، مەنبەدىن تازىلاشقا كۈچەپ، تونۇش بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى جەھەتتىكى پەرقلەرنى، نېگىزلىك، ئاساسلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ، قىلچە يوشۇرماي، قىيىنىدىن قېچىپ ئاسىنىغا ئېسىلىۋالماي، بىخۇدلۇق، بىپەرۋالىق قىلماي، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىنى ئېنىق، ئوچۇق سۆزلەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۇزاققىچە بوشاشماي، چىداملىق بولۇپ، قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك. باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، پىرىنسىپسىز ئەپ ئۆتۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدا پۇتلىكاشاڭ، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەتتا قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشلەر بولىدۇ. بىز «قەتئىي بوشاشمايدىغان» ئىرادە، ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان غەيرەت- شىجائەت، غەلىبە قىلمىغۇچە چېكىنمەيدىغان چىدامچانلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، قېتىممۇ قېتىم چوڭقۇرلىشىۋاتقان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلانغان» بولۇشنى نامايان قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قايتا- قايتا ئەيىبلەش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئاۋامنىڭ ئەقلى ۋە كۈچىنى توپلاپ، مەركىزىي شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى ۋە تونۇشىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە پۇختا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، سۆز بىلەن ھەرىكەتتە، ئىچى بىلەن تېشىدا بىردەك بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىغان. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش − ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ھەر مىللەت خەلق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، دۆلەت گۈللىنىپ، قۇدرەت تاپىدۇ، شەخسمۇ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىدۇ؛ ئۆز تەقدىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئىستىقبالى، ئۈمىدى بولىدۇ. مەركىزىي شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جەزمەن كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل نىيىتى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نىڭ رېئال زىيىنىنى ئىدراكى ئېنىق كۆرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، دەۋر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچ ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەپت- بەشىرىسىنى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نىڭ رېئال زىيىنىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ئۇنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش ئەمەلىي خىزمىتى جەريانىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچى- تېشىدا بىردەك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەلىپىنى خىزمەتتە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر