باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە موسكۋاغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى

2017.08.15 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە فىدىراتسىيە خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 14- ئاۋغۇست ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى موسكۋاغا قارىتىلغان بىر قانچە قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلغان، ھەمدە موسكۋا شەھەر سىرتىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغان تۆت تېرورچىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بىر تېررورلۇق شايكىسى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئارقىلىق ۋە چوڭ تىپتىكى پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ، موسكۋانىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرى، چوڭ تىپتىكى بازار ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىق ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش سۇيىقەستىنى مەخپىي پىلانلىغان. قولغا چۈشۈرۈلگەن ئۇ تۆت جىنايەت گۇماندارى ئىچىدە، بىرى رۇس، ئۈچى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەجىتىسىدىن قارىغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق بىر نەچچە يۇقىرى قاتلام خادىمى بۇ بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى پىلانلاشقا قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر