خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق «ساغلاملىق پايدىسى»دىن تەڭ بەھرىلەندى. دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، داۋالاش سۈپىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، داۋالاش سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرچانلىق نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. خەلقئارالىق داڭلىق ژۇرنال «لەنسېت»نىڭ 2017-يىللىق 5-سانىدا داۋالاش سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرچانلىقىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1990-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ داۋالاش سۈپىتى ۋە تەسىرچانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچى 49.5تىن 74.2 (دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى 53.7)گە يېتىپ، رەت تەرتىپى 110-ئورۇندىن 60-ئورۇنغا ئۆسۈپ، ئىلگىرىلەش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا ئۆتكەن.
داۋالاش سۈپىتى-بىخەتەرلىكى مۇقىم ياخشىلاندى. 2016-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ داۋالىغان ئاغرىقلار 7 مىليارد 930 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، 2015-يىلدىكىدىن 240 مىليون ئادەم/قېتىم كۆپىيىپ، %3.1 ئاشتى. ھازىر، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قۇرغان دۆلەت دەرىجىلىك سۈپەت كونترول مەركىزىدىن 36سى بار، كلىنىكىدىكى ئاساسلىق كەسپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىدا ئۆلۈش نىسبىتى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، شۇنداقلا بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى.
داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مىكرو زەخىم، خاسلىشىشنى تىپىك ئالاھىدىلىك قىلغان زامانىۋى داۋالاش تېخنىكىسى كىلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلىنىپ، خەلققە بەخت ئېلىپ كەلدى. ناركوزغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى؛ كۆكرەك سىرتىدىكى مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە پەقەت ئىككى-ئۈچ يەردىن كىچىك كېسىپلا تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولدى.
داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تەسىرچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۆلكە دائىرىسى ئىچىدە داۋالىنىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %93كە، ناھىيە دائىرىسى ئىچىدە داۋالىنىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %82.7كە يەتكەن. سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى يۇقىرى-تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستى. 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مىقدارىنىڭ نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.7 ئاشتى، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكىلىپ داۋالانغان ئاغرىقلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى