- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىنىڭ سودا شېرىكلىرىگە جازالاش خاراكتېرلىق تەدبىر قوللانلانغانلىقى خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدۇ
2017.08.16 15:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى ئەمەلدارى لياڭ گويۇڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن دۆلەت ئىچى قانۇنىنى ئاساس قىلىپ، سودا شېرىكلىرىگە قارىتا جازالاش خاراكتېرلىق تەدبىر قوللانلانغانلىقى خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدۇ. ئۆز ئالدىغا قوللانغان سودا تەدبىرى سودا ئۇرۇشى خەۋپى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا بۇ ھىچقايسى تەرەپكە پايدىلىق ئەمەس.
ئۇ تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسنى ھەل قىلىشقا ئەقلىي پوزۇتسىيە تۇتۇپ، ئىجابىي خاراكېترلىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۇ يىل 4-ئايدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا توغرا يول بېكىتىلدى، يەنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىش مىقتارىنى ئازايتىش ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىش مىقتارىنى كۆپەيتىش بېكىتىلدى. ئىككى دۆلەت مۇشۇ يۆنىلىشنى بويلاپ، داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كىرزىسنى پەسەيتىشى كېرەك. رادىكال ھامىچلىق تەدبرىنى قوللىنىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر