باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك

2017.08.16 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، 8- ئاينىڭ 12- كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈپ ۋە ئۈلگە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرىدىكى «تيەنرۈن» قىممەتلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى، دافېڭ بازىرىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭ «غەربىي يۇرت باھارى» سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، سانجى شەھىرىنىڭ يۇشۇگۇ بازىرىدىكى «چاڭنۇڭ» ئۇرۇقچىلىق بازىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە كەسىپلەر رايونى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ±1100 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور تەتقىق قىلىپ ياساش بازىسى قاتارلىق جايلارغا، ئېتىز - ئېرىق بويلىرىغا، كارخانا سېخلىرىغا، مەشغۇلات نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكىلەر 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى رايون، يېتەكچى رايون ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەڭشەش، راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم جامائەت داڭلىق ماركىسىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز بىر تۇتاش ياخشى تەڭشەپ، خاس ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، «ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر، يېشىل» بولۇشنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تەڭشەشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئېكولوگىيە مۇھىتى سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. كەسىپ سىستېمىسىنى تەڭشەشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇلنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم موتور. يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا رايونىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىناق قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشكە قويۇپ، ئۇنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى سارقىت ئاقان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر