باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزگە قارىتا سودا جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا، سودا مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.16 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ زۇڭتۇڭ ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، جۇڭگوغا قارىتا سودا جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا، سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى 15-ئاۋغۇست ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ پاكىتقا پەرۋا قىلماي ھەرىكەت قوللانسا، جۇڭگونىڭ بارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا ۋاقتى 14-ئاۋغۇست، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ زۇڭتۇڭ ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇنى، سىياسىتى، ئەمەلىيىتى ياكى ئۇسۇلىدا ئامېرىكىنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى، يېڭىلىق يارىتىش ياكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا نامۇۋاپىق ياكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى تەكشۈرۈش-تەكشۈرمەسلىكنى قارار قىلىشىغا بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى بايانات ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئېھتىياجغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ كەسىپلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. «301» تۈزۈم بارلىققا كەلگەندىن بۇيان قويۇق بىر تەرەپلىمىلىك تۈس ئېلىپ، ئىزچىل باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلدا بۇ تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. بىزنىڭچە، ئامېرىكا ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، كۆپ تەرەپلىك قائىدىلەرنى بۇزغۇچىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

  سودا مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ ئوبيېكتىپ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا پاكىتقا پەرۋا قىلماي، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلماي، ئىككى تەرەپنىڭ سودا-ئىقتىساد مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت قوللىنىدىكەن، جۇڭگو ھەرگىز قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، بارلىق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر