باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ئاممىسى سىئولدىكى ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

2017.08.16 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ئاۋغۇست كورىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بايرىمى كۈنى كورىيە ئاممىسى سىئولدىكى ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ياققان قاتتىق يامغۇرمۇ كورىيە خەلقنىڭ «ساد» سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا قارشى تۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى. پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى «پان خەلق تىنچلىقى ھەرىكىتى»نىڭ مۆلچەرلىشىچە، شۇ كۈنى تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى نامايىشقا قاتناشقان. كىشىلەر يامغۇرلۇق چاپان كىيىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق نامايىش قىلغان. ئۇلار ساد سىستېمىسىغا، كورىيە-ئامېرىكا ھەربىي ماىۋېرىغا قارشى تۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ چاۋشەن يېرىم ئارىلىدىن چېكىنشىنى تەلەپ قىلىش شۇئارلىرىنى توۋلىغان. ئۇلار يىغىلىشتا ساد سىستېمىسىغىلا ئەمەس، ئامېرىكىغىمۇ قارشى تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر