باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يەتتە خىل چوڭ كېسەلگە قارىتا نامرات رايونلارغا يۈزلەنگەن ھالدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش يولغا قويىلىدۇ

2017.08.16 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ساغلام ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئېغىر ۋە سوزۇلما كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى نامرات ئاھالىنى تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ، بالىلاردىكى ئاق قان كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان راكى ۋە ئاخىرقى مەزگىل بۆرەك كېسىلى قاتارلىق يەتتە تۈردىكى توققۇز خىل ئېغىر كېسەلنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالايدىكەن، بۇ خىزمەت بۇ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات رايونلاردا يولغا قويىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: گەرچە شەھەر-يېزا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، سودا سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇش كاپالىتى قاتارلىق بىر مۇنچە كاپالەت تەدبىرى بار بولسىمۇ، لېكىن يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ يۈكى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. يېزا نامرات كىشىلىرىنىڭ بىر خىل كېسەل بىلەن يەنە بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشى ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىدەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا «بىر تۈركۈم چوڭ كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش؛ يەنە بىر تۈركۈم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى توختام تۈزۈپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش؛ يەنە بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى دەرھال داۋالاش» خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى ساغلام يۆلەشنى ئادەمگىچە ۋە كېسىلىگە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان، كۆرسىتىشكە قولايلىق بولىدىغان ۋە ئاز كېسەل بولىدىغان قىلىشقا تىرىشماقتا.

  جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا مەركەزلىك قۇتقۇزۇپ داۋالايدىغان كېسەل تۈرى ۋە كىشىلەر توپىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئېغىر كېسەللەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئارخىپلىرى ۋە داۋالاش كارتىلىرىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ۋە يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكىلەرنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئاساسىي داۋالاش، جامائەت ساقلىقى ۋە توختاملاشقان سالامەتلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش) ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بارلارغا، ھەمدە داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى نامرات نوپۇسلارغا مەدەت بېرىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر